ئامېرىكىنىڭ «Newsweek» ژۇرنىلىدا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ«ياۋروپادىكى تۈركىيە دوستلىرى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلماقچى بولغاندا، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىندى، بۇ تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بىر ئەھۋال. » دېدى.

548113
ئامېرىكىنىڭ «Newsweek» ژۇرنىلىدا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقاننىڭ ئۈستىگە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى دېموكراتىيەگە قارشى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىگىمۇ كۆكرەك كېرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «Newsweek» ژۇرنىلىدا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى تېما قىلغان ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدا، 15 – ئىيۇل كېچىسىنىڭ تۈركىيەدىكى دېموكراتىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر قارا چۈشكە ئايلانغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىغا مۈكىنىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە خائىنلارنىڭ شۇ كېچىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى، ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت تۈزۈمىنى ۋە دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قانخورلارچە بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسدە، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭمۇ سىياسىي مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى، پىرىنسىپ – بەلگىلىمىلەر ۋە خەلقئارا قانۇن ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقلىرىغا ماس بىر شەكىلدە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىىپ، «بۇ قارار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنى ھەمدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددىي ھالەتكە خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.

غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش مەسلىسىدە تۈركىيەنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۈۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركلەر ۋە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تۈركىيەنىڭ دوستلىرى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلماقچى بولغاندا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىندى. بۇ تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بىر ئەھۋال. بۇ نۇقتىدا چەت ئەللەردىكى دوستلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى ۋە  توغرا چۈشىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ھەر دائىمقىغا ئوخشاش ئىجابىي دىيالوگ ئۈچۈن بارلىق يوللارنى ئوچۇق تۇتماقتىمىز» دېدى.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر