ئەردوغان ۋىزا مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا دۇئېل ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 1 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى مەسىلىسىدە ۋەدىسىدە تۇرمىدى.

548569
ئەردوغان ۋىزا مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا دۇئېل ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋىزا مەسىلىسىدىكى تەلىپى قاندۇرۇلمىغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ياۋروپادىن قايتا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىمۇ توڭلىتىپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەمدە غەرب ئەللىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن باياناتلارنى ئېلان قىلىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر