تېررورچىلار شىرناق بىلەن ئادىياماندا 2 نەپەر يېزا قوغدىغۇچىسىنى شېھىت قىلدى

يېزا قوغدۇغۇچىلار ئەترىپى باشلىقى ئادىيامان ئەتراپىدا ئۆيىنىڭ ئالدىدا تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچرىدى.

547959
تېررورچىلار شىرناق بىلەن ئادىياماندا 2 نەپەر يېزا قوغدىغۇچىسىنى شېھىت قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىرناق ۋە ئادىياماندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 2 نەپەر يېزا قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى.

شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقان 1 نەپەر ۋاقىتلىق يېزا قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى.

ئادىيامان ئەتراپىدىمۇ يېزا قوغدۇغۇچىلار ئەترىپى باشلىقى ئۆيىنىڭ ئالدىدا تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچرىدى.

يېزا قوغدۇغۇچىلار ئەترىپى باشلىقى ئېغىر يارىدار بولوپ بالنېسقا ئېلىنغان بولسىمۇ ئادىيامان تىببىي تەتقىقات دوختۇرخانىسىدىكى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر