چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر قانۇن بولىدىغان بولسا، ئامېرىكا گۈلەننى تۈركىيەگە بېرىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەگەر قانۇن دەيدىغان نەرسە بولسا، ئامېرىكىنىڭ قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

546671
چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر قانۇن بولىدىغان بولسا، ئامېرىكا گۈلەننى تۈركىيەگە بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەگەر قانۇن دەيدىغان نەرسە بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئانتاليانىڭ سەرىك ناھىيەسىدىكى چىنارئالتى دېموكراتىيە مەيدانىدا داۋاملىشىۋاتقان ‹دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش نۆۋىتى› يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئىشەنگەن يوللىرىدا ئاداققىچە ماڭىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ خائىنلار، بۇ پەسكەشلەر، بۇ ۋەتەن – مىللەتكە، بايراققا قەست قىلغانلار كىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇلار، ئۆزىنى پەيغەمبەر، مەھدى، دەپ ئويلىۋالغان بىر گۇمراھ ئادەمگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ شوينىسى كىمنىڭ قولىدا، بۇلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ بۇلار پۈتۈن دۇنيادا نېمىشقا بۇنچىلىك تېز زورىيىدۇ، ئەجىبا؟»

سىرتتىكى خائىنلاردىنمۇ ھېساب ئېلىنىدىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «سىرتتىكىلەرنى بېرىپ ئەكىلىمىز، فەتھۇللاھنىمۇ تۈركىيەگە كەلتۈرىمىز. گىرېتسىيەگە قېچىشتى، يەرنىڭ ئاستىغا كىرىشتى. قەيەرگە كىرسەڭلار كىرىڭلار، سىلەرنى ئۇ يەرلەردىن چىقىرىپ، مىللەتنىڭ، شېھىتلىرىمىزنىڭ ھېسابىنى سورايمىز» دېدى.

مىللەتنىڭ ئۆزى يازغان تارىخ ۋە داستانلار ئارقىلىق 100 يىلدىن كېيىنمۇ ئوقۇلىدىغانلىقىنى، ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرەلمىگەن غەرب ئەللىرىگىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «22 كۈندىن بۇيانقى نومۇس كارتىناڭلار بىلەن قالىسىلەر. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياشايسىلەر. كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلەيسىلەر، سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلارنىڭ كىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى؟ دەۋاتقىنىڭلار ئاسماندىن بومبا تاشلىغانلارنىڭ ھوقۇقىمۇ ياكى ئۇ بومبىلارغا كۆكرەكلىرىنى قالقان قىلغان ئاياللار، بالىلار ھوقۇقىمۇ؟ شېھىتلەرنىڭ ھوقۇقىمۇ؟ سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلارنىڭ زالىمنىڭ ھوقۇقىمۇ ياكى مەزلۇمنىڭ ھوقۇقىمۇ؟»

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، «ئاۋستىرىيە 22 كۈندىن بۇيان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغۇچى ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشتەك نومۇس ئىچىدە ياشاپ تۇرسۇن، بۇ مىللەت قولىغا بىر دانە قورال ئالماستىن ئىمانى بىلەن، قوللىرى بىلەن، كۆكرەكلىرى بىلەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى رەت قىلدى» دېدى.

ياۋروپانىڭ كېسىلىنىڭ يا ئاشقۇن ئوڭچى ياكى ئاشقۇن سولچى بولۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «سەن ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىڭدىكى رادىكالىزمغا چارە تاپ، بۇ سەن ئۈچۈنمۇ، ئىنسانلىق ئۈچۈنمۇ خەۋپتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر