شىرناقتا 2 نەپەر يېزا قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى
بىتلىسنىڭ ھىزان ناھىيەسىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 1 نەپەر ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ بەيتۇششاباب ناھىيەسىدە يولدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىق يېزا قوغدۇغۇچىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بومبا ھۇجۇمىغا دۈچ كەلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بومبا ھۇجۇمىدا 2 نەپەر يېزا قۇغدىغۇچىسى شېھىت بولدى ۋە 1 نەپىرى يارىدار بولدى.
بىتلىستىمۇ 1 ئەسكەر شېھىت بولدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
بىتلىسنىڭ ھىزان ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 1 نەپەر ئەسكەر شېھىت بولدى.
نازار رايونىدىكى يېزا - قىشلاقلاردا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا تېررورچىلار ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ۋەقەدە يەنە بىر نەپەر ۋاقىتلىق يېزا قوغدىغۇچىسى يارىدار بولدى.
رايوندا تېررورچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.