يىلدىرىم، بىز بىر دۆلەتمىز، بىزگە قانۇننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىش ياراشمايدۇ، دېدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

543806
يىلدىرىم، بىز بىر دۆلەتمىز، بىزگە قانۇننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىش ياراشمايدۇ، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ھەربىي – مەمۇرىي خادىم مۇۋازىنىتىنى تەڭشەش بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە پائال خىزمەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشتا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئارمىيەلەرنىڭ فونكىسيەلىرىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان باش مىنىستىر يىلدرىم، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيە ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلالماسلىقى ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكى ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلدۇق» دېدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، بەزى خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئورتاق تارقىتىشىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى؛ 15 – ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، «ھېچبىر ئىش ھېسابسىز قالمايدۇ. لېكىن، شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ئادىل مۇئامىلە قىلىمىز. چۈنكى، تۈركىيە بىر قانۇن دۆلىتى، قانۇن دۆلىتىدە قانۇننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىش بولمايدۇ. ئۇلار قانۇننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىدى، لېكىن بىز دۆلەتمىز، بىزگە قانۇننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىش ياراشمايدۇ» دېدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىسى «يۇرتتا سۇلھى» دەپ تۇرۇپ، پۇقرالارنى شەپقەتسىزلەرچە ئوققا تۇتقانلىقىنى قەيت قىلغان يىلدىرىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنى قانداق ئالىي غايە ئۈچۈن قىلغانلىقلىرىنىمۇ، كىمنىڭ نامىدىن قىلغانلىقلىرىنىمۇ چۈشىنەلمەيۋاتىمىز. ئەگەر بۇ دۆلەتنىڭ كېلەچىكى بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ باياشاتلىقى بولسا، بۇ دۆلەتنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىشقا ئۇرۇنۇش بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلارنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈسىلەر؟ نېمىشقا ئايروپىلانلارنى، بومبىلارنى ئىشقا سالىسىلەر؟ نېمىشقا ئىنسانلارنى تانكىلارغا باستۇرۇسىلەر؟ نېمە دەپ تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن قارا – قويۇق ھالدا ئىنسانلارنى ئوققا تۇتىسىلەر؟ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى نېمىشقا مەرگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۆلتۈرۈسىلەر؟ بۇ سوئاللار سورىلىدۇ.»

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنىڭ مەلۇم ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن بىنالى يىلدىرىم، «لېكىن، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئىقتىدارى بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلاشقا يېتەمدۇ، يەتمەمدۇ؟ سوئال بۇ. بۇ جەھەتتىكى دەتالاشلار داۋاملاشماقتا. بۇنىڭ بىر ئەقىل كۆرسەتكۈچىسى چوقۇم بار، ئۇنىمۇ بىلىمىز. بۇنى بىلىمىز، ئەمما، ئۇنى ئىسپاتلاش كېرەك» دېدى.

15 – ئىيۇلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش نۆۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان يىلدىرىم، «خەلقىمىزدىن كۈچلۈك شەكىلدە ئۈتىنىمەنكى، ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمىزنى بايلىق، دەپ قوبۇل قىلايلى. بۈگۈن قوچاقلىشىش كۈنىدۇر. بۇ دېموكراتىيە نۆۋىتىنى داۋاملاشتۇرايلى» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يىغىلىشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر