پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققتى مەركەزلەشكەن ئالىي ھەربىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققتى مەركەزلەشكەن ئالىي ھەربىي كېڭەش يىغىنى باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چانكايا سارىيىدا باشلاندى.

539432
پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققتى مەركەزلەشكەن ئالىي ھەربىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى جىددىي يىغىن ھارپىسىدا ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، ھۆرمەتتە تۇردى.

كېڭەش نامىدىن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، دەپتەرگە تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن زەپەر بىلەن چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازدى: «خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس پۈتۈنلۈكىگە خىرىس قىلىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشىمىز مۇقەررەردۇر.»

باش مىنىستىر يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى كېڭەش ئەزالىرى كېيىنچە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن چانكايا سارىيىغا ئۆتتى.

ئادەتتە تۈركىيە ئارمىيەسىدىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان يىغىننىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى تەشكىل قىلىدۇ.

يىغىندا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تېخى توشمىغان باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارنىڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال سالىھ زەكى چولاقنىڭ ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئابىدىن ئۈنالنىڭ رەسمىيەتكە ئاساسەن ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئالدىنقى يىللاردا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان كېڭەش يىغىنى باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ دۈشەنبە كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىغان ئاساسەن، بۇ يىل بىر كۈندە تاماملىنىدۇ.

كېڭەش يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ماقۇللىقىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن مەلۇمات بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر