ھەربىي ئىسياندىن كېيىن گېنېرال ۋە ئوفىتسېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئەسكەر قوغلاندى

ھەربىي ئىسياندىن كېيىن گېنېرال، ئوفىتسېر ۋە كەسپىي ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئەسكەر تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغلاندى.

539428
ھەربىي ئىسياندىن كېيىن گېنېرال ۋە ئوفىتسېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئەسكەر قوغلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر دائىرىسىدە ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىدارىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىغا ئاساسەن، مىللىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى. ھەرىكەت دائىرىسىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدىن 87 گېنېرال، 726 ئوفىتسېر، 256 كەسپىي ئەسكەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدىن 32 پولكوۋنىك، 59 ئوفىتسېر، 63 كەسپىي ئەسكەر؛ ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدىن 30 گېنېرال، 314 ئوفىتسېر، 117 كەسپىي ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1684 ئەسكەر تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە بۈگۈنكى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قارارنامە 29 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشىلەرنىڭ مەھكۇمىيەت قارارى بولماستىنلا ھەربىي ئۇنۋانلىرى ۋە مەمۇرلۇق ھەقلىرى تارتىۋېلىنىدۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىگە قايتا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچقانداق بىر ئورۇندا مەمۇر بولالمايدۇ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇلمايدۇ.

قوراللىق ساقچى قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بەلگىلىمىرىگىمۇ قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قارارنامىگە كۆرە، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بولدى.

بۈگۈنكى ئالىي ھەربىي كېڭەش يىغىنىدا ئېلىنىدىغان قارارلارغا ئاساسەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش، پىنسىيەگە چىقىرىش ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار 29 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر