« 15-ئىيۇل كېچىسىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ناملىرى تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 15-ئىيۇل كېچىسى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارغا قارشى جەسۇرلارچە كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارنىڭ ناملىرىنى تارىخ سەھىپىلىرىگە يازدۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

538048
« 15-ئىيۇل كېچىسىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ناملىرى تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدرىم ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارغا قارشى جەسۇرلارچە كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ نام-شەرىپلىرىنى تارىخ سەھپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان كېچىدە جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۇلارغا قارشى جەسۇرلارچە كۈرەش قىلغان شەخسلەرنى ئەنقەرەدىكى چانكايا سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

يىلدىرىم مالاتيادا ھەربىي-سىياسىي ئىسىيان چىقارغۇچىلار تاشلاپ كەتكەن تانكىنى ھەيدىگەن مۇستافا ئۆزبەي، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا بىر تانكىنىڭ ئالدىدا ياتقان مەتىن دوغان، يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ تاكسىم مەيدانىغا چىققان شەرىفە بوز، يولدېشى شەنول بوز ۋە قوشنىسى گۈلسەھەر يۈكسەل قاتارلىق شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى.

تۈرك مىللىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي چىقارغان كېچىدە داستان يازغانلىقىنى، شۇ كېچىدە ھەر بىر پۇقرانىڭ قەھرىمانلارچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «قارشىلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان قەھرىمانلىرىمىز بىلەن دېدارلاشقانلىقىمدىن تولىمۇ خوشالمەن، سىلەر نام-شەرىپىڭلارنى تارىخ سەھپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇردىڭلار. ھەر بىرىڭلار ئانادولۇ ئاياللىرىنىڭ روھىنى، ئانادولۇلۇقلارنىڭ ئېسىللىكىنى ئۆلۈمسىز ھالەتكە ئېلىپ كەلدىڭلار.»

ھەيئەتتىكىلەرمۇ تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر ئازاپ-ئوقۇبەتكە قايتا دۇچار بولماسلىقىنى تىلەپ، ۋەتەن ۋە بايراق ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا پىداكارلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر