جىددىي ھالەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆزگەردى

جىددىي ھالەت باشقۇرۇش ئورگىنى باش مىنىستىر ياكى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئورگان باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي ھالەتكە سەۋەب بولغان مەسلىلەر ئۈستىدە يېغىن چاقىرىلىدۇ.

535977
جىددىي ھالەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆزگەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جىددىي ھالەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

جىددىي ھالەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى ۋە تارماق ئىشخانىلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى بىلەن مەسئۇلىيەتلىرى ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي گېزىتتا ئېلان قىلىندى.

بەلگىلىمىگە كۆرە، جىددىي ھالەت باشقۇرۇش ئورگىنى باش مىنىستىر ياكى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئورگان باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي ھالەتكە سەۋەب بولغان مەسلىلەر ئۈستىدە يېغىن چاقىرىلىدۇ.

جىددىي ھالەت باشقۇرۇش ئورگىنى باشلىق ۋە باشقا ئىدارە - ئورگانلارنىڭ مەسىلىھەتچىلىرى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ماقۇللانغان قارارلار تېز سۈرئەتتە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى جىددىي ھالەت ئىشخانىلىرى ۋالىي ياكى مۇئاۋىن ۋالىينىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ناھىيەلەردىكى ئىشخانىلىرى بولسا، ھاكىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولىدۇ.

كېڭەشلەر ۋالىي ياكى ھاكىملار مۇناسىپ كۆرگەن ۋەكىللەردىن تەشكىللىنىدۇ. ناھىيەلىك ئىشخانىلارنىڭ ماقۇللىغان قارارلىرى ۋالىينىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر