«بىر قىسىم ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق»

باش مىنىستىر يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ھەزىم قىلالماي، ئىنتىقام ئېلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى تۈركىيەنىڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

535286
«بىر قىسىم ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا بومبىلانغان ۋە 50 ساقچى شېھىت بولغان ئەنقەرەدىكى گۆلباشى ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى.

باش مىنىستىر باشقارمىنىڭ بومبىلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالجىغانلىقى، ئىنسانلىقىنى قانچىلىك دەرىجىدە يوقىتىپ قويغانلىقىغا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ دەلىل بولمايدۇ» دېدى.

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سدىر قىلغانلىقىغا دائىر ئەڭ چوڭ دەلىللەردىن بىرىنىڭ گۆلباشىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ بومبىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلار! بۇنىڭدىنمۇ چوڭ دەلىل بولامدۇ؟ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە تانكىلارنى ھەيدىگەن، ئۆز خەلقىگە قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومباردىمان قىلغان بۇ ئۆلۈم ماشىنىلىرىنى، بۇ جاللاتلارنى قوللاشتىن ۋاز كېچىڭلار.»

يىلدىرىم خەلقنىڭ تەشۋىشلەسمەسلىكى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرى ۋە ئامانلىقى كاپالەت ئاستىغا ئېلىندى. ئەمەلىيەتتىن ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، ئىنتىقام ئېلىش  مەقسىتىدە يەنە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئاللىقاچان پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق. شۇڭا، ئەزىز خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر