15- ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئورۇنۇشىدا 240 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

15- ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئورۇنۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچى، ئەسكەر، پۇقرالار، شۇنداقلا يارىلانغانلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

533328
15- ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئورۇنۇشىدا 240 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 62 ساقچى، 5 ئەسكەر، 173 پۇقرا بولۇپ جەمئىي 240 قا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 1535 كە يەتتى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا يارىلانغان 623 كىشى دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە ئەسكەر، ساقچى، ئەدلىيە مەنسۇپلىرى ۋە پۇقرالار بولۇپ 8724 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىن 36 ساقچى، 18 گېنېرال، 65 ئوفېتسىر، 601 ئەسكەر، 301 سوتچى ۋە مۇپەتتىش، 182 پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 1203 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنغۇچىلاردىن 24 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر