تۈركىيە خەلقىنىڭ پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسى

تۈركىيە خەلقى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە كوچىلارغا ۋە مەيدانلارغا چىقىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىغا قارشى چىقىپ، ۋتەننى قوغداش يولىدىكى جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلماقتا.

532387
تۈركىيە خەلقىنىڭ پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلققە خىتاب قىلىپ مۇنداق چاقىرىقتا بولدى: «ئەزىز خەلقىمگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، مەيدانلارغا يىغىلىڭلار، ۋەتىنىمىزگە خىرىس قىلغان بۇ بىر ئۇچۇم ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويايلى. بۇ ھەربىي ئىسياننىڭ غەلىبە قىلىشىغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن. چۈنكى تارىختىن بۇيان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلغۇچىلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى.» ئارقىدىنلا تۈركىيە خەلقى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك ۋە ئەر – ئايال دېمەستىن مەيدانلارغا ۋە كوچىلارغا سەلدەك ئېقىپ، تۈركىيە بايرىقىنى لىپىلدەتكەن، زوراۋانلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان ۋە ۋەتەنگە بولغان مىسلىسىز سۆيگۈ ئىپادىلىرى ئىزھار قىلىنغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىرادىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، كېچە – كۈندۈز ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا تەسەببۇش قىلغۇچى ئۇنسۇرلارغا غەزەپ – نەپرەت ياغدۇرۇپ، پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەكتە، ھەمدە ئىگىلمەس - سۇنماس ئىرادىسى ۋە ۋەتەننى قوغداشقا بولغان جەڭگىۋارلىقى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماقتا. ئەنقەرەدىكى قىىزىلئاي مەيدانى، ئىستانبۇلدىكى تاكسىم مەيدانى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇرالغۇسى جايلاشقان ئۈسكۈدارنىڭ قىسىقلى رايونىغا يىغىلىپ، ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغان ھالدا دېموكراتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى ئىزھال قىلماقتا. تۈركىيە خەلقىنىڭ: «ھەربىي ئىسيانچىلارغا قارشى ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە كۈرەش قىلىمىز»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زوراۋانلارغا تىز پۈكمەڭ، خەلقىمىز ھەمىشە سىز بىلەن بىللە»، «خەلق رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ۋە «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى جېنىمىز پىدا» دېگەن سادالىرى پەلەككە يەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر