دۇنيا تۈركىيەنىڭ يېنىدا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان تۈركىيەنى قوللايدىغان تېلېگراممىلارنى ئەۋەتمەكتە.

532188
دۇنيا تۈركىيەنىڭ يېنىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دائىرىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئەزەربەيجان خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ ھەر دائىمدىكىدەك تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتى بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنى بۇندىن كېيىن، ھېچقانداق كۈچنىڭ تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيە يولىدىن قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەريانىدا، شېھىت بولغانلارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سەۋر، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ تۈركىيەدە سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو ئەزاسى بولغان بىر دۆلەتتە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئورۇن يوقلۇقىنى ۋە بۇ خىل قىلمىشلارغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ناتونىڭ تۈركىيەدە سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر