چاۋۇشئوغلۇ كېررى بىلەن گۈلەن توغرىسىدا سۆزلەشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
530989
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قوراللىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چاۋۇشئوغلۇ ئۆزىگە تېلېفون قىلغان ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى كېررى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مۇساپە ۋە بۇ مۇساپىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.