تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستىخباراتقا ئاساسەن يېرىم كىچىدە ھاۋادىن ھەرىكەت باشلىدى.
525222
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا.
جۇدى تېغى ۋە گۈچلۈكئوناك ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۈكۈنۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان 7 پاناھاجايى بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستىخباراتقا ئاساسەن يېرىم كىچىدە ھاۋادىن ھەرىكەت باشلىدى.
ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى نەتىجىلىك ھالدا بازىغا قايتىپ كەلدى.