تۈركىيە ئەپۇ سورىمىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015 – يىلى 24 – نويابىر تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

519812
تۈركىيە ئەپۇ سورىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بەردى. ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەكتۇبىدا، رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھەسىرىتىگە يەنە بىر قېتىم ئورتاقلىشىدىغانلىقىمنى ۋە تەزىيەلىرىمنى سۇنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن، ئۇلارغا رەنجىمەڭلار دەيمەن» دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتغا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى، رايونلۇق كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىككى دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى مەقسىتىدە كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر