تۈركىيە: لىۋاننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىغا يېقىن ئەلقائە بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

519809
تۈركىيە: لىۋاننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىغا يېقىن ئەلقائە بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە لىۋاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى: «تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا ۋە لىۋان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە لىۋان بىلەن ھەمكارلىشىشنى، لىۋاننىڭ باياشاتلىقى، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن لىۋان دۆلىتى ۋە خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

لىۋان قىزىل كىرىس ھىلال ئاي جەمئىيىتى تۈنۈگۈن كەچتە دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بەقائە ۋادىسىغا جايلاشقان ئەلقائە بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەلقائە بازىرىدا دۈشەنبە كۈنى (تۈنۈگۈن) ئەتىگەنمۇ 4 ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلگەن، 15 ئادەم يارىلانغانىدى.

لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەلقائە بازىرى ئەتراپىدا لىۋان ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە تەرەپتىن كەلگەن قوراللىق كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر رايون ئۆتكەن يىلىمۇ مۇشۇ خىلدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر