پەلەستىن رەھبەرلىرى تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى

ھاماس غەززە خەلقىگە قىلغان ياردىمى ۋە قورشاۋنى يىنىكلىتىش تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

519682
پەلەستىن رەھبەرلىرى تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى قوللىغانلىقلىرى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىپ بايانات ئېلان قىلدى. ھاماس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ غەززەگە قارىتا يولغا قويغان ئېمبارگوغا قارشى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پەلەستىن دەۋاسى ۋە پەلەستىن خەلقىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، ھاماسنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىش سىياسىتىگە قارشى قەتئىي ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئاساسىي نىشانىنىڭ ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى داۋاملىق قوللىشى ۋە ئېمبارگونىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

« ئىشغالچى سىيونىستلارنىڭ مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن خەلقىگە ۋە پەلەستىنگە قارشى تۇتقان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار داۋام قىلىشى لازىم.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ھاماس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەلەستىن خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەلەستىن خەلقى ۋە دەۋاسى ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان ماۋى مارمارا شېھىتلىرىنى، يارىدارلىرىنى ۋە بارلىق تۈرك خەلقىنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز.»

پەلەستىن باش مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى «پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسى» دا ئېلان قىلغان باياناتتا، تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقساراي باياناتچىلىرىدىن ئېرىك سچۇلتىز ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا بۇ مۇھىم ئىلگىرىلەشنى ۋە رايوندىكى ئىككى مۇھىم ھەمراھنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بۇنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىدە يېڭى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېلىزابېت چۇدېيۇ تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم قەدەم بولۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر