تۈركىيە رىم پاپاسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، رىم پاپاسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەرمەنلەرنىڭ بايانلىرىغا شەرتسىز ئەگىشىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

519215
تۈركىيە رىم پاپاسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رىم پاپاسى فرانچوئىسنىڭ 24- ئىيۇندىن 26 – ئىيۇنغىچە داۋاملاشقان ئەرمېنىيە زىيارىتى جەريانىدا قىلغان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «پاپانىڭ ئەرمېنىيە زىيارىتىدىكى 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار تارىخىي ئەمەلىيەت ۋە قانۇنغا ياراشمايدىغان، يالغان ۋە تۆھمەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان سۆزلەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ ئەرمەن بايانلىرىغا شەرتسىز ئەگىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ بەردى» دېيىلدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇرەتتىن جانىكلىمۇ رىم پاپاسىنىڭ رېئاللىقتىن يىراق سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «پاپانىڭمۇ، پاپالىقنىڭ پائالىيەتلىرىدىمۇ ئەھلى سەلپ ئېڭىنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى، پۈتكۈل ئەكس ئېتىشىنى كۆرۈش مۇمكىن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر