بىتلىستا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

بىتلىستا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى.

518994
بىتلىستا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىسنىڭ تاغلىق رايونىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن كۆمۈلگەن يەرلىك ئۇسۇلدىكى پارتلاتقۇچ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىلدى. ۋەقەدە 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى. يارىلانغان ئەسكەرلەر بىتلىستىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر