تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا توختاۋسىز زەربە بەرمەكتە
تۈركىيە ئارمىيەسى بىر تەرەپتە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە بىر تەرەپتە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
518350
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ شەمدىنلى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نىشانى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى، 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ‹بوران زەمبىرەكچى قىسىملىرى› بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ئوق چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 5 نىشانىنى يوقىتىپ تاشلىدى.