تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى قارس، شىرناق، ھاققارى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرققا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 13 نۇقتىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

518141
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارسنىڭ قاغىزمان، شىرناق، ھاققارىنىڭ چۇقۇرجا يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت 11 پاناھجاي ۋە غار ۋەيران قىلىۋېتىلدى. ئىراقتىكى ھاقۇرق رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىشلىتىۋاتقان 2 يەر ئاستى پاناھجاھ ۋەيران قىلىۋېتىلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 31 نۇقتىسىنى «بوران - چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ياردەم بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا 8 دائېشچى يوقىتىلدى، دائېشچىلار ئىشلىتىۋاتقان 5 بىنا  ۋە 31 مۇداپىئە ئىستېھكامى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر