تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ  بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

517667
تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ھەم بىخەتەرلىككە تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي كورېيەنى يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىشتەك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال - ياراغ پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر