تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

516497
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچتە دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئىچىدە بىر تۈركۈم PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بار بولغان قوغدىنىش مەركىزى توپقا تۇتۇلدى. نۆۋەتتە بىتچىت قىلىپ تاشلانغان قوغدىنىش ئورنىغا يەتكۈزۈلگەن تالاپەتنى بېكىتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

يېرىم كېچە بولغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنات، ھافتانىن ۋە مەتىنا رايونلىرىغا چېگرا ھالقىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، پاناھلىنىش ئورنى ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 5 نىشان بىر تەرەپ قىلىندى. ئۇ يەردىمۇ يەتكۈزۈلگەن تالاپەتنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئېلىنغان كاتيۇشا، مىنامىيوت ۋە قورال ئىستىھكاملىرىدىن تەشكىل تاپقان نىشانلار توپقا تۇتۇلدى؛ تۈركىيەنىڭ ‹بوران› ناملىق زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇملىرىنى بىرلەشمە كۈچلەرمۇ ھاۋادىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە بەلگىلەنگەن نىشانلاردىن سىرت بىر مۇداپىئە نۇقتىسىمۇ يوقىتىپ تاشلاندى. بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا دائېشنىڭ 8 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر