ئەردوغان: دۆلەت–خەلق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغانلىق ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ دۆلەت – خەلق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغانلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

515745
ئەردوغان: دۆلەت–خەلق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغانلىق ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈللىيەدە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلدى. ئۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات سىياقىغا كىرىۋالغان بەزى تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت – خەلق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن بىئارم بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. رەزىل ئىشلارنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىردىنبىر غايىسىنىڭ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى ئارقىلىق بىر – بىرىنى زىددىيەتكە سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ قەيەردە قاپارغان بىر يارا بولسا دەرھال يارىنى قانىتىپ، گانگرېناغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئەتراپتىكىلەرنى ئىسيان قىلىشقا چاقىرغانلارنىڭ ئوخشاش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر بىرى خۇددىي كەسپىي كۈشكۈرتچىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئەمدى ئاشكارا بولدى، ئېتىبارى بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ» دېدى.

«دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، پەردە ئارقىسىدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سىياقىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆرەلەيمىز» دېگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پاراللېل تەشكىلات ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەمكارلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە باشقىلارنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

ئۇ تېررورلۇقققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ھازىرغىچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئەمەلگە ئاشقىچە داۋاملاشتۇرىمىز ۋە خەلقنىڭ جان – مال بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مەسئۇلىيىتى بولغان بىر دۆلەتنىڭ بېشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ياردىمىدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر