تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرى بىلەن دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى ۋە ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

516022
تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ھازىرىي مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغان تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىغا سائەت 10:13-10:21؛ مەتىنا رايونىغا بولسا، سائەت 22:00-23:11 ئارىسىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ ئۆڭكۈر، ئاكۇپ ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نىشانىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

ۋەزىپىلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى، نۆۋەتتە تېررورچىلارغا يەتكۈزۈلگەن تالاپەتنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈنۈگۈن سائەت 16:00-16:16 ئارىسىدا دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا؛ سائەت 19:45-20:05 ئارىلىقىدا بولسا، ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناگاھ، ئۆڭكۈر ۋە قورال ئامبارلىرىنى ئۆز ئىچىگە 20 نىشانى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر