تۈركىيە پارلامېنتى تەتىلىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) نىڭ 1 – ئىيۇلدا تەتىلىنى باشلىمايدىغانلىقى جەزملەشتى.

515971
تۈركىيە پارلامېنتى تەتىلىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنغان گۇرۇپپا تەكلىپى قوبۇل قىلىندى. قارارغا ئاساسەن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە ئەسكەرلەرنى قانۇنىي مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى بىرىنچى قەدەمدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئارقىدىن دۆلەت ئىشلىرى كومىسسىيەسى ۋە مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىش ئۈچۈن 1 – ئىيۇلدا تەتىلىنى باشلىماستىن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر