ئەردوغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە سالام ۋە ھەدىيە يوللىدى

زىيارەت جەريانىدا 25 كە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا ئالاقىدار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يېزىلغان مەكتۇپ، باش مەسلىھەتچى يالچىن توپچۇ ئەپەندىگە تاپشۇرۇلدى.

511180
ئەردوغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە سالام ۋە ھەدىيە يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى ئەنقەرەدە 3 كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار كومېتىتى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدىكى 30 كىشىلىك ئۆسمۈرلەر گۈرۈپپىسى ئەنقەرە قازان ناھىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتى ئۇيغۇر كېچىلىكى پىروگراممىسىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ئەنقەرە زىيارىتىنى ئەڭ دەسلەپ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى سارىيىدىن باشلىدى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى كۈللىيەسىگە قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ «مىللەت جامەسى»نى زىيارەت قىلدى ۋە كوللىكتىپ رەسىمگە چۈشتى. ئاندىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى ئەپەندى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. 

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈركىيە  جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى زىيارىتىگە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادىمىك دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت، ژۇرنالىست مىركامىل كاشغەرلى قاتارلىق كىشىلەر ھەمراھ بولدى. 

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى ئەپەندى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆيغۇر ئۆسمەرلەرگە يوللىغان سالامىنى ۋە كۈللىيە زىيارىتىدىن ئىنتايىن خوشاللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر بىرسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سوراپ كۆيۈم - شەپقەت كۆرسەتكەن باش مەسلىھەتچى يالچىن توپچۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆسمۈرلەرگە يوللىغان ھەدىيەلىرىنى تارقىتىپ بەردى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرمۇ يالچىن توپچۇ ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى، كاناۋاي كۆينىكى ۋە كۆك بايراق قاتارلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا 25 ئەتراپىدا ئۆسمۈر تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا ئالاقىدار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يېزىلغان مەكتۇپ يالچىن توپچۇ ئەپەندىگە تاپشۇرۇلدى.

يالچىن توپچۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز قولى بىلەن جۇمھۇر رەئىسكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولدى ۋە دۇئا قىلدى.

تەخمىنەن 1 يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئۇيغۇر ئۆسمەرلەرنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر