ئەردوغان: تۈركىيەنى پارچىلاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى پارچىلاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

511179
ئەردوغان: تۈركىيەنى پارچىلاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ
erdoğan, mardin'de.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماردىندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 30 – ماشىنىلاشقان قىسىمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى. ئەردوغان ئىپتاردىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتىقىدا، بۇلتۇر 20 – ئىيۇلدىن تارتىپ ھازىرغىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى،  مەكتەپلەر، ئىبادەتخانىلار ۋە مەسۇم كىشىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېشى كىچىك قىزلارنى ئېلىپ قاچقان تېررورىستلارنىڭ قەتلىئاملىرىدىن قاچقان خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى،  پ ك ك نىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان خەلقنىڭ سۇنغان كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ئەزىز جېنىنى پىدا قىلالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار. 11  ۋىلايەت، 1 ناھىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بىراق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. بىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك، بىر بايراق، بىر ۋەتەن شوئارى ئاستىدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىمىز. دۆلىتىمىزنى پارچىلاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر