ئەردوغان: ئۇلار ھاياتلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى بىزگە ئامانەت قىلىنغان مۇھاجىرلاردۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇساپىرلارغا 6 يىلنىڭ مابەينىدە سەرپ قىلىنغان 10 مىليارد دوللارنىڭ تۈركىيەگە زىيان ئەمەس، ئەكسىچە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

509510
ئەردوغان: ئۇلار ھاياتلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى بىزگە ئامانەت قىلىنغان مۇھاجىرلاردۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى (MÜSİAD) نىڭ ئەنئەنىۋى ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، ئىراقتا، سۈرىيەدە، پەلەستىندە، بىرمادا ھەر كۈنى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قەتلى قىلىنىۋاتقانلىقى ياكى قىيىن – قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھالدا، ياشاۋاتقان يەرلىرىدىكى توقۇنۇشلاردىن قاچقان مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەللەردە ناھايىتى قىيىن شەرت – شارائىتلار ئاستىدا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) سۇلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغان يۈزلەرچە مۇساپىرغا قەبرىستانلىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئافرىقىدا ئىپتار قىلىش ئۈچۈن پاكىز ئىچىملىك سۈيى، يېيىشكە بىر لوقما نان تاپالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇنداق، شېرىك كۆپەيگەنسېرى بەرىكەت ئاشىدۇ. رامىزان ئېيىنى بۇ ھەقىقەت تونۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈش ھەممىمىز ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بولىدۇ. بىزنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادىكى ھېچبىر مەزلۇم (ئىزىلگۈچى) غا، ھېچبىر غېرىبقا تەتۈر قارىۋېلىش ھەققىمىز يوق. يېقىن ئەتراپىمىزدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىكى پۈتكۈل موھتاجلارنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىرگە سۈرىيەلىك مېھمانلىرىمىزغىمۇ، ئىراقلىق مېھمانلىرىمىزغىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. ئۇلار ھاياتلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى بىزگە ئامانەت قىلىنغان مۇھاجىرلاردۇر. MÜSİAD قا ئەزا بارلىق سودا – سانائەتچىلىرىمىزنىڭ ئەنسار ئېڭى بىلەن مېھمانلىرىمىزغا ئىگە بولىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

تۈركىيەدە مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېدىرلارغا، بىر قىسمىنىڭ كونتېينىرلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەسلىدە پۈتكۈل مۇساپىرلارنى كونتېينىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيەگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر