ئەردوغان: سۈرىيەنىڭ شىمالىدا جىددىي بىر پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىبادەتخانىلارغا ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ بۇ زېمىنلارغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

509246
ئەردوغان: سۈرىيەنىڭ شىمالىدا جىددىي بىر پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا بىرلىك ۋەقپىنىڭ ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلدى. 6 – كۈنى ئارقىدا قالغان، بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرى مەڭگۈلۈك ئازابتىن قۇتۇلۇش بولغان رامىزان ئېيىنىڭ تۈركىيە، تۈرك مىللىتى، ئىسلام ئالەمى، ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىگەن ئەردوغان، دىل بايلىقىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلاردىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارغا قىلىنغان پوزىتسىيە ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۆلەت خامچوتىدىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل چىقىم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرىمىز، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرىمىزمۇ كەم دېگەندىمۇ يەنە شۇنچىلىك چىقىم قىلدى. نېمىشقا؟ چۈنكى، بۇ مىللەتنىڭ خېمىر تۇرۇچىدا ئىسلام بار؛ چۈنكى، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا ‹بەرگۈچى قول ئالغۇچى قولدىن ياخشىدۇر› تونۇشى، ئىمانى بار» دېدى.

پۈتۈن تۈركىيەنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە، پۈتكۈل دۇنيا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇۋالغان، كۆرمەسكە سېلىۋالغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە ئېتنىك تەۋەلىكى، كېلىپ چىقىشىغا قاراپ ئولتۇرماستىن سەپەرۋەرلىككە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇنى ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى تۈركىيەدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، دەرۋازىلىرىنى تاقاپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئازابلىرىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ھەتتا مۇساپىرلارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى، پۇل – پىچەكلىرىگە نەزەرلىرىنى تىككەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەگە دوستتەك كۆرۈنگەنلەرنىڭ خۇپيانە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىزنىڭ جەنۇب تەرىپىمىزدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ناھايىتى جىددىي بىر لايىھە، ناھايىتى جىددىي بىر پىلان ئىجرا قىلىنماقتا ۋە بۇ پىلان – لايىھە ئۈستىدە دوستتەك كۆرۈنگەنلەرنىڭمۇ خۇپيانىلىكلىرى ياتماقتا. بۇنىمۇ ناھايىتى روشەن، ئېنىق دېيىشكە مەجبۇرمەن. بۇنىمۇ ئۇلار بىلەن ئايرىم ئورتاقلىشىمىز، ئۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەي. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقانلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلار تەرىپىدىنمۇ تەقىپ قىلىنماقتا»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى PYD, YPG ۋە دائېشنىڭ سۈرىيەدە ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەسلىدە ئوخشاش غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «رايون خەلقىگە زۇلۇم قىلىش، رايوننىڭ ئىسلامىي كىملىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بويىچە ئۆزئارا رىقابەتلەشمەكتە. قاراڭلار بىزگە بېرىلگەن جاۋابلار بار. ‹PYD, YPG بۇلار دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى قوللىماقتىمىز› دىيىشىۋاتىدۇ، بەزى دوست دۆلەتلەر. شۇنداق دەيسىلەر، ئەننۇسرەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەيسىلەر. ئەننۇسرەمۇ دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۇنى نېمىشقا دوست، دەپ قوبۇل قىلمايسىلەر؟ بىزنىڭ قارىشىمىزچە ياخشى تېررورچى، يامان تېررورچى بولمايدۇ. تېررورچىلارنىڭ ھەممىسى ناچاردۇر. بىز مەسىلىگە مۇشۇنداق قارىدۇق. مىللىتىمىزنىڭ ۋە رايون خەلقىنىڭ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر