ئەردوغان بوكس شاھىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 – ئىيۇن كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

507471
ئەردوغان بوكس شاھىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئامېرىكىغا سەپەر قىلىش ھارپىسىدا ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇھەممەد ئەلىنىڭ بوكس مەيدانلىرىدا قانچىلىك داڭلىق بولسا، ئىنسانلارنىڭ قەبللىرىدىمۇ شۇنچىلىك مەشھۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر مۇشتى، ھەر بىر غەلىبىسى ئافرىقىدىن تارتىپ ئاسىياغىچە مىلياردچە مەزلۇملارغا ئۈمىد بېغىشلىدى، كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئىرىقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى ھارماي – تالماي كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭ: ‹ئاللاھ تائالادىن بايلىق تەلەپ قىلغانىدىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۇ ماڭا ئىسلامنى ئېھسان قىلدى› دېگەن سۆزى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئۈلگىلىك ئىش – ئىزلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بولۇپمۇ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ: ‹ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ قاتىللارنىڭ دىنى ئەمەس، ئىسلام دېمەك، تىنچلىق دېمەكتۇر› دېيىش ئارقىلىق نامايەن قىلغان ئالىيجاناب روھى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئىلھام مەنبەسى بولغان ئېتقادىي كۈچى، تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە ئىگىلمەس - سۇنماس روھى ياتىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى. تۈركىيە رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ھەم ھەيئىتىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويىمىز ھەم كېچىكىپ قالغان بولساقمۇ، زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان بولىمىز. ئۇنىڭ ھاياتى، ئۈلگىلىك ئىش – ئىزلىرى، مىسلىسىز كۈرىشى بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئىلھام مەنمەيىمىز بولىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا، ۋاپاتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بوشلۇقنى ئۇنىڭ خاتىرىسى ۋە مىراسىغا ساھىب چىقىش ئارقىلىق چوقۇم تولدۇرىمىز. زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن مېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىمەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېقىن ئۆتمۈشتە ئامېرىكىغا كۆچكەن  شىكاگو رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە رايون مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتاردا بىر يەرگە جەم بولىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر