ياۋروپا تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

505857
ياۋروپا تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتلار مەجلىسىنىڭ باشلىقى پېدرو ئاگرامۇنتنىڭ باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشكەندە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، پېدرو ئاگرامۇنت ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر تىلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تېررورىستلارنىڭ كۆزى ھېچنىمىنى تونىمايدىغان ۋەھشىيلىكى ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم جانغا زامىن بولدى. تېررورلۇق ئورتاق مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى، ئىدارە – ئورگانلىرىمىزنى، تۇرمۇش شەكلىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. تېررورلۇق ئەمدى سۈرىيە بىلەن ئىراقتا كۈنلۈك ھۇجۇملىرى بىلەن، باماكودىن بېيرۇتقىچە، پارىژدىن ئىستانبۇلغىچە پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت سالماقتا. قورقۇنچ ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تېررورىستلارنىڭ تۇزىقى ئۈستىدىن پەقەت بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولساق غەلىبە قىلالايمىز. »   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر