ئىستانبۇلدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىستانبۇل بەيازىت ۋەزنەجىلەر رايونىدا قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئاپتوموبىلى ئۆتۈۋاتقاندا پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
505381
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بەيازىتتا ۋەزنەجىلەر رايونىدا قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپتوموبىلى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتلاش يۈز بەردى. ۋەقەدە نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىناقتا.
ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا نۇرغۇن ساقلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتىلدى.