ئەردوغان سومالىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

ئەردوغان سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا 39 دۆلەتتە ئەلچىخانىسى بارلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «نىشانىمىز 54 ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەلچىخانا ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

503531
ئەردوغان سومالىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەردوغان ئۇگاندا ۋە كېنىيەنىڭ ئارقىدىن بۈگۈن سومالىدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سومالىدا بىرىنچى بولۇپ مەنسەپدىشى ھەسەن شەيخ مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ مۇغادىشۇدىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

ئەردوغان سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا 39 دۆلەتتە ئەلچىخانىسى بارلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «نىشانىمىز 54 ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەلچىخانا ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى. 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ. ئاندىن ئۆزئارا كېلىشىم ئىمزالاشقاندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.

ئەردوغان سومالىدا يەنە «ياردەم قولى ئاياللار توغۇت ۋە بالىلار دوختۇرخانىسى»نىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كېسىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۈگۈن كەچكە يېقىن مەملىكەتكە قايتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمكتە.

 



 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر