پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى
ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە پ ك ك لىق تېررورىستلار تۇزاق قۇرۇپ، كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلاندى.
503552
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇسايبىندا 14 – مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىدىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.
ناھىيەدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىزدەش – ئاختۇرۇشى جەريانىدا تېررورىستلارنىڭ ئالدىن تۇزاق قۇرۇپ،پ كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىرى ئېغىر، 3 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلاندى.
ئېغىر يارىلانغان ئەسكەر قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغان 2 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئەمەس ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.