تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا ھالقىپ تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، 19 – مايدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاندىل رايونىدىكى ئۇۋىلىرىغا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

495444
تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا ھالقىپ تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، 19 – مايدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاندىل رايونىدىكى ئۇۋىلىرىغا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى، مەزكۇر ھاۋا ھەرىكىتى جەريانىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 30 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈنمۇ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ 11 نىشانىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر