چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

465525
چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولدى
mevlüt çavuşoğlu telefon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە – ئىران – ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە ئىراننىڭ رامسار شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاۋۇشئوغلۇ، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەسسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان زىيارەتلەر، 14-، 15- ئاپرېل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۆتكەن ھەپتە يادرو خەۋپسىزلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەن تايلاندلىق مەنسەپدېشى دون پرامۇدۋۇناي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ۋاشىنگتوندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

چاۋۇشئوغلۇ رامساردىن باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە قېتىلىش مەقسىتىدە ھېلسىنكىغا يۈرۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر