چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

460816
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە بىريۇسسېلدىلا يۈز بەرمىگەنلىكىنى، بەلكى پاكىستان، ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ جون كېررىي بىلەن كۆرۈشكەندە، دائېش، ئەل نۇسرا ۋە پ ك ك غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپاغا ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يىڭىشكە مەجبۇرمىز» دېدى.

ئۇ بۇ يىل ئىچىدە قىبرىس مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدىكى سايلاملاردىن كېيىن، مەزكۇر مۇساپىنىڭ تېزلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، تۈرك تەرەپنىڭ بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، دائېش، نۇسرا ئالدىنقى سېپى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز سۈرئەتتە يوقىتىش، رايون ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ، ھەممىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جون كېررىي تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم شېرىكى ۋە ناتونىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئەتراپىدىكى رايوندىن ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قاچقان 2.7 مىليون مۇساپىرغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن «ئېغىر مالىيەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇساپىرلارغا قوشۇمچە 20 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جون كېررىي بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس بىلەن كۆرۈشتى. ئاقساراي ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، رايس بىلەن چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رايس ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇقنى يوقىتىشتا تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان ۋە يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن دائېشنىڭ تۈركىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىنىمۇ ئەيىبلەپ، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رايس بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر