تۈركىيە مىسىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

454921
تۈركىيە مىسىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
dışişleri mısır saldırı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي سىنا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەلئەرش شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەلئەرشنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 13 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارى ‹ئەئماق› خەۋەر ئاگېنتلىقى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر