ئەنقەرەدە قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

پايتەخت ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان گۈۋەن پارك ئاپتوبۇس بېكىتىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىرى تېررورچى بولۇپ جەمئىي 37 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

450171
ئەنقەرەدە قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى
güvenpark ankara patlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇ، ئەنقەرەدىكى خائىنلارچە ھۇجۇمدا 37 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كەم دېگەندىمۇ بىرىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن ئون تۆتىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 71 كىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چانقايا سارىيىدا باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى؛ يىغىندىن كېيىن، سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇ بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا پۇقرالارنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېررورچىلارنىڭ ‹مۇددىئالىرىغا يېتەلمەيدۇ› دېگەن ئالا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ مىللەتنىڭ قەتئىي ئىرادىسىگە دەخلى يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خائىنلارچە ھۇجۇم توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر ئالا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تېررورىزم بۇ دۆلەتنىڭ پۇتىغا ئىشكەل بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ» دېگەن ئەفكان ئالا، خەلقنىڭ بۇ كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا ئۆلگەن 34 كىشىدىن كەم دېگەندىمۇ بىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

قىزىلئاي گۈۋەن پاركتىكى ئاپتوبوس بېكەتلىرىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە كۆپ ساندا ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتتى، ئەتراپتىكى بىنالارمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. ۋەقەدىن كېيىن چىققان ئوت ئاپىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېلىندى.

پارتلاش يۈز بەرگەن جاي بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلا يەردىكى مېترو بېكىتى تەرەپكە پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشى چەكلەندى. قىزىلئاي ئاسمىنىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىلدى.

ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئورنىغا چاقىرىلدى، ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 8 نەپەر جۇمھۇرىيەت تەپتىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر