تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 16 دائېشچى تۇتۇلدى

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 12 سى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 16 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

443658
تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 16 دائېشچى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورگىنى ئەترەتلىرى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، قاھرامانماراش ئارقىلىق سۈرىيە چېگراسىغا ۋە يېقىن ۋىلايەتلەرگە كەتمەكچى بولغان دائېش ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئايرىم - ئايرىم 3 نۇقتىسىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنى قولغا چۈشۈردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدا تەكشۈرۈش ئىشلىرى تاماملانغان گۇماندارلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دائېشقا ئەزا بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر