يىلماز خەلقئارا جەمئىيەتنى تەنقىد قىلدى

تەرەققىيات مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز سۈرىيە كىرىزىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە قىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

439197
يىلماز خەلقئارا جەمئىيەتنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋدەت يىلماز ئامېرىكىدا 50 – نۆۋەتلىك ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) تەرەققىيات پىروگراممىسىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ، «سىز سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىۋاتقان ياردەملىرىدىن رازى ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ياق، رازى ئەمەس. يەر شارى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزىگە ياردەم قىلىش بولىدۇ. سۈرىيە كىرىزىسىگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەر يېتەرلىك ئەمەس. سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەر يۈكنى يۈدۈۋاتىدۇ. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەت سۈرىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلىشى ۋە بۇ كۈلپەتلەرگە ئورتاق بولۇشى لازىم. بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلالمايمىز. بۇ مەسىلىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭىيىدۇ ۋە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىرىزىسنىڭ جەبىر – جاپالىرىنى رايوندىكى دۆلەتلەرگە تاشلاپ قويالمايمىز. بۇ يەردە يەر شارى خاراكتېرلىك تەرەققىيات ياردەملىرىدە ئازىيىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. باشقىلارغا ياردەم قىلماي تۇرۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىستىن قۇتۇلالمايدىغانىلقىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

جەۋدەت يىلماز ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ 2014 – يىلى 3 يېرىم مىليارد دوللار تەرەققىيات ياردىمى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %0.5 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ نىسبەتنىڭ ب د ت نىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن كۈتۈۋاتقان تەرەققىيات ياردەم نىسبىتى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر