رەھبەرلەر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ياغدۇردى

ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى لەنەت ياغدۇردى.

434966
رەھبەرلەر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ياغدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھتاجلارغا ھەر جەھەتتىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىپ، باغرىغا بېسىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، مەزلۇم ۋە ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۈمىد ئىشىكى ۋە تايانچ مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خەۋپسىرىگەن بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيدىغانلىقىنى، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزگە، ئەزىز خەلقىمىزگە ۋە دېموكراتىيەمىزگە قەست قىلغان بۇ ۋەھشىي ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەققانىي كۈرىشىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز.» مۇئاۋىن باش مىنىستىر، قوشۇمچە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پايتەخت ئەنقەرەنى قانغا بويىغان خائىنلارچە ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ۋە تېررورغا لەنەت ياغدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەقەت بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلارنىلا ئەمەس، ئۇلارنى كوزېر قىلىۋالغانلار، پەردە ئارقىسىدىن ياردەم بەرگەنلەر، ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلەر ھەتتا سىياسىي جەھەتتىن قوللىغانلارنىمۇ قاتتىق لەنەتلەيمىز.» ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىدىن 7 تەپتىشتىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنىڭ ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمنىڭ بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خەلقىمىز ھەرگىزمۇ ئىغۋاگەرلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيدۇ» دېدى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر يالچىن ئاقدوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھېچقانداق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈركىيەنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، ھەمدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرالمايدۇ» دېدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۈگۈنكىدەك ھالقىق بىر كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە مەۋجۇدىيىتىگە خىرىس قىلىۋاتقان ۋەتەن خائىنلىرىغا قارشى بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى. ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ياغدۇردى. ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھۇجۇمدىن كېيىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتى جىددىي يىغىن چاقىردى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ دۆلەتكە بۇنداق ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ تېپىلىشىدا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تېگىشلىك خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن» دېدى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ياغدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىۋاتقان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ھەمكارلاشقۇچىلىرى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. كىم قانچىلىك سۈيىقەست قىلسا قىلسۇن، ئەزىز خەلقىمىز ۋە قەدىردان مىللىتىمىز تېررورىزمغا ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيدۇ ھەم تەسلىم بولمايدۇ.» خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سەلاھاتتىن دەمىرتاش ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنقەرەدىكى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمەن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن.» يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تېررورىزمغا قارشى ئورتاق باياننامە ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر