چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربىنىڭ «پ ي د نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمىز» دېگەن باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

429786
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچسى كىربىنىڭ باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دائېشقا قارشى كۈرەشتە، ئىتتىپاقداش دۆلەت بىزمۇ، ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىمۇ؟»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز پ ي د نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمىز. تۈركىيە بىلەن بۇ مەسىلىدە داۋاملىق سۆھبەتلىشىمىز، تۈركىيە بىزنىڭ دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلىتىمىزدۇر» دېگەن ئىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىربىدىن پ ي د غا بېرىلگەن قوراللارنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىمۇ سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ خەۋەرلەرنى توغرىلايدىغان ئىسپات تاپالمىدۇق، كورد جەڭچىلىرىگە قورالدىن باشقا ھەربىي لازىمەتلىكلەر بېرىلدى، ئەمما بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، ئەگەر بۇلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلنى تاپساق، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ: «سېنىڭ ئىتتىپاقدىشىڭ مەنمۇ ياكى كوبانىدىكى تېررورچىلارمۇ؟» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر