يېڭى ئاساسىي قانۇن يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى (4 – فېۋرال) تۇنجى يىغىن ئاچىدۇ.

426944
يېڭى ئاساسىي قانۇن يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كاھراماننىڭ رىياساتچىلىكىدە تۇنجى قېتىملىق يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئېچىلىدۇ. مەجلىستىكى تۆت پارتىيە ھەربىرى ئۈچ ئەزاسىنى يىغىنغا قاتناشتۇرىدۇ. يىغىن ئەتە ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىدۇ. ئادالەت ۋە تەرەققىىيات پارتىيەسى (AK) دىن سابىق مەجلىس باشلىقى جەمىل چېچەك، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھامىت گۈل قاتنىشىدۇ.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) دىن ئۆمەر سۈھا ئالدان، بۈلەنت تەزجان ۋە نامىك ھاۋۇتچا؛ مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (MHP) دىن ئوكتاي ئۆزتۈرك، مەھمەت پارساك، قادىر كوچدەمىر؛ خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) دىن گارو پايلان، مەرال دانىش بەشتاش ۋە مىتھات سانجار قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ.

يىغىندا، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئاساسلىرى، قارار ئېلىش شەكىللىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر