تېررورىزمغا قارشى كۈرەش غەلىبە مەنزىلگاھىغا يېقىنلاشتى
شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسى پ ك ك لىق تېررورىستلاردىن تازلاندى، ئەمدى نۆۋەت جىزرە ناھىيەسىگە كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن ئېتىبارەن كەم دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن رايونغا بېرىپ، خەلقتىن ھال سورايدۇ.
5 – فېۋرال ماردىنغا يېتىپ بېرىپ، خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلاۋاتقان داۋۇتئوغلۇ، «شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدىكى بارلىق ۋىلايەتلەرنى ئايلىنىپ، خەلقىمىزدىن ھال سورايمىز» دېدى.
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قانۇن دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر، «ھېچكىم تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قانۇن سىرتىغا چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتالمايدۇ، بۇنداق دېگۈچىلەر بولسا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا: ‹توختاپ تۇر، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىڭنى توختات› دېيەلىشى كېرەك» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.