بۈگۈن مىللىي خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بۈگۈن (27 – يانۋار) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا توپلىنىدۇ.

425010
بۈگۈن مىللىي خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈنكى مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى تېررورلۇققا قاشى كۈرەش مەسىلىسى بولىدۇ. يىغىندا، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. رايوندا بۇندىن كېيىنكى ھەربىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە قىلىنىدىغان خىزمەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ھەر خىل ئېغىر تىپلىق ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە 303 ماددىلىق ماستېر پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىنغا، ئۇچۇر – ئالاقە، قاتناش ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭمۇ قاتنىشىشى پەرەز قىلىنماقتا. بىنالى يىلدىرىم ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى بويىچە كېڭەش ئەزالىرىغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

سۈرىيە مەسىلىسىمۇ بۈگۈنكى مىللىي خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جەنۋە ئۇچرىشىشلىرىدا تۈركىيەنىڭ باسىدىغان قەدەملىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر