رومنېيە باش ئەلچىسى TRT نى زىيارەت قىلدى
رومنېيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى رادۇ ئۇنوفرېي TRT باش مۇدىرى شەنول گۆكانى زىيارەت قىلدى.
424783
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى ئىككى كۈن كېيىن ئەنقەرە مىللىي كۇتۇبخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئەدەبىياتچىلەر ئۇچرىشىشى ئۈچۈن شەنول گۆكادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. گۆكا، باش ئەلچىنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، «تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر – بىرىمىزگە ناھايىتى يېقىن دۆلەتلەرمىز، شۇڭا سىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمىز» دېدى.
زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان تىرىشچانلىقلار توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.